مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئارخىپىڭىز نەگە كېتىدۇ؟ ئۆزىڭىز ئېلىۋالسىڭىز بولامدۇ؟

2022.06.22 22:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىتىلىدىغان ئورنى بەك مۇھىم، شۇڭا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

  ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئارخىپ نەگە كېتىدۇ؟ ئارخىپنى ئۆزىمىز ئېلىۋالساق بولامدۇ؟ تۆۋەندە بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىرلىكتە كۆرەيلى

  ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئارخىپ نەگە كېتىدۇ؟

  ئەگەر ئورگان، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلاردا خىزمەت قىلسىڭىز، ئارخىپىڭىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  ئەگەر كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى يوق، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسىڭىز، ئارخىپىڭىز ئىشقا ئورۇنلاشقان جاي ياكى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ باشقۇرۇلىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسىڭىز، شۇ جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئەگەر ئىشقا ئورۇنلاشمىغان، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ياكى ئىگىلىك تىكلىگەن بولسىڭىز، ئارخىپىڭىز ئادەتتە نوپۇسىىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  ئارخىپنى ئۆزۈڭىز ئېلىۋالسىڭىز بولامدۇ؟

  ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن خىزمەت مەيدانىغا قەدەم قويغاندا، ئارخىپمۇ ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.

  ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت ئالماشتۇرسا، ئارخىپ يەتكۈزۈش مەسىلىسىگە چېتىلىشىمۇ مۇمكىن.

  ئارخىپ يەتكۈزۈش توغرىسىدا، بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى بەلگىلىمە بويىچە يۆتكەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئارخىپنى ئۆزى ئېلىپ يۈرۈپ يەتكۈزۈش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  مەكتەپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش يۆنىلىشىگە ئاساسەن، كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى مۇناسىپ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كادىرلار ئاپپاراتى ئارخىپنى يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

  شۇڭا، كۆپچىلىك ئارخىپنى ھەرگىز قولىغا ئېلىۋالماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئارخىپ يىتۈپ كېتىشى ياكى ئالاقىدار مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالماسلىقى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ