مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن جايلار ئايدىڭلاشتۇردى! بۇ پۇلنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

2022.06.22 22:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 18 دە داۋاملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: مۆلچەرلىنىشىچە 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزى خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، بېيجىڭنىڭ كۆپ قىسمى، تيەنجىن، شەندۇڭنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، خېنەن، ئەنخۇينىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، جياڭسۇنىڭ شىمالىي قىسمى، خۇبېينىڭ شىمالىي قىسمى، سەنشىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، شىمالىي شىنجاڭ ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، خەينەن ئارىلىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ℃35تىن ℃39غىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ℃40 تىن ئاشىدىكەن.

  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يېقىندا «2022-يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدىن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەشغۇلات ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مەشغۇلاتىدىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەسپىي خاراكتېرلىك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەشغۇلات ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى مەشغۇلاتىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى زۆرۈر بولغان يەككە مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىدىغان ئارام ئېلىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 28 ئۆلكە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان، نۇرغۇن جايلار ئاي ياكى كۈن بويىچە تارقىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ