مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تيەنجىن شەھىرىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن يېقىلغۇ گاز پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 23 ئادەم يارىلاندى

2022.06.22 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تيەنجىن شەھىرى باۋدى رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 21-چېسلا سائەت 16 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، باۋدى رايونى بېيچېڭ شەرقىي يولى بىلەن ۋۇسۇ يولى كېسىشكەن جاي ئەتراپىدا يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 23 ئادەم يارىلانغان.


  باۋدى رايونلۇق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش قىلىش سەۋەبىدىن يېقىلغۇ گاز چىقىپ كېتىپ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە، خادىملارنى قۇتقۇزۇش، سەۋەبىنى تەكشۈرۈش، كېيىنكى ئىشلارنى بىرياقلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. 23 يارىدار ئىچىدە، ئۈچى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان، ھازىر مەخسۇس دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ؛ يېنىك يارىلانغان 15 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ؛ يېنىك يارىلانغان بەش كىشى داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.


  ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى جاڭ گۇڭشۈن دەرھال تەستىق سېلىپ، تيەنجىن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە باۋدى رايونلۇق پارتكومدىن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا دەرھال پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى، تيەنجىن شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار باۋدى رايونى بىلەن بىرلىكتە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، كېيىنكى باغلىنىشلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنى بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ