مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى يولغا قويدى، سودا مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2022.06.22 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلدى.
6 -ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇھاپىزەت ئىدارىسى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەھسۇلاتى قىلىپ بېكىتتى ھەم شىنجاڭغا ئالاقىدار ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى. ئامېرىكا «كىشىلىك ھوقۇق»نامى بىلەن يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك ماھىيىتىنى يۈرگۈزۈپ، بازار پىرىنسىپىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى تىپىك ئىقتىسادىي تەھدىت ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ يەر شارى كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا، يەر شارىدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ پەسىيىشىگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.


  ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ قانۇنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئېنىق مەنئى قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى پۈتۈنلەي ئەركىن، باراۋەر، ئەمگەك ھوقۇق ـ مەنپەئەتى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلگەن، شۇڭا تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2014-يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى شەھەر ـ بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىم 23 مىڭ يۈەندىن 37 مىڭ 600 يۈەنگە كۆپەيدى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىم تەخمىنەن 8700 يۈەندىن 15 مىڭ 600 يۈەنگە كۆپەيدى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا يېزىلاردىكى 3 مىليون 60 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 35 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاندى، كۆك نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى. ھازىر شىنجاڭدا كېۋەز تېرىش جەريانىدا، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى%98 تىن ئاشتى، ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەمەلىيەتكە تۈپتىن ئۇيغۇن ئەمەس. ئامېرىكا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى يولغا قويدى، ئۇنىڭ ماھىيىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمگەك ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە «مەجبۇرىي ئەمگەك قلماسلىق» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشسىز قېلىشى، ھەتتا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز



  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ