مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق رەزىل قانۇنى 21-چېسلا كۈچكە ئىگە بولدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز مۇقەررەر ھالدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دېدى

2022.06.22 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 21-چېسلا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىلومبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۈگۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.


  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلىدە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ جۇڭگوغا قارا چاپلايدىغان قىپقىزىل يالغانچىلىقى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پاختا قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىدەك پاكىتقا پۈتۈنلەي زىت. ئامېرىكىنىڭ يالغانچىلىقنى ئاساس قىلىپ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرنى جازالىشى يالغانچىلىقنىڭ داۋامى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنىڭ دەلىلى.


  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش قانۇن شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئىشسىزلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، پۈتۈن دۇنيادا جۇڭگو بىلەن «ئالاقىنى ئۈزۈش» نى يولغا قويۇشى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قائىدە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ قائىدىنى بۇزىدىغان زومىگەرلىك ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. جۇڭگو بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەمدە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ئامېرىكىنىڭ دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ