مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاڭشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇبېي شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما ئەيجۈن قاتارلىق كىشىلەر تەكشۈرۈلدى

2022.06.22 13:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى تاڭشەن شەھىرىدىكى مەلۇم كاۋاپخانىنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، باشقىلارنى زورلۇق بىلەن ئۇرۇش دېلوسى ۋە باشقا ئالاقىدار دېلولارغا چېتىشلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، قانۇن-ئىنتىزام بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.


  نۆۋەتتە، خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى بىلەن تاڭشەن شەھىرى لۇبېي رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇبېي شۆبە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ما ئەيجۈن لاڭفاڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. تاڭشەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشى بىلەن، تاڭشەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لۇبېي شۆبە ئىدارىسى ئايرودروم يولى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى خۇ بىن، چاڭخۇڭداۋ ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن جىيۇڭ، ئايرودروم يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى چېن جىۋېي، گۇاڭمىڭلى ساقچىخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى فەن لىفېڭ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تاڭشەن شەھىرى ساۋفېيديەن رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، تاڭشەن شەھىرى فېڭنەن رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ