مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: زومىگەرلىك، زوراۋانلىق بىلە مەڭگۈ خالىغىنىمنى قىلىمەن، دېيىش مۇمكىن ئەمەس

2022.06.22 13:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيەنىڭ يېقىندا «ۋىككى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئاسانچنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقىغا قارىتا، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيا ئاسانچنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە شەخسىي تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ. ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ھامان كۈچىيىدىغانلىقىغا، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەڭگۈ خالىغىنىنى قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى 17-چېسلا «ۋىككى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئاسانچنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەستىقلىغان. «ۋىككى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش تورى» بېكىتى ئاسانچنىڭ پەقەت مۇخبىر ۋە نەشرىيات سودىگىرى ئىكەنلىكىنى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟


  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئاسانچ قۇرغان «ۋىككى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش تورى» بېكىتى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى، ئىراق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقىغا دائىر مەخپىي ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خاككىرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قىلغانلىق پاكىتىنى پاش قىلدى. شۇڭا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى، جاسۇسلۇق جىنايىتى، كومپيۇتېردىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى توقۇپ چىقىپ، مەخپىي كۆزىتىش، يەر شارى بويىچە قوغلاپ تۇتۇش، پەردە ئارقىسىدا سودا قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاسانچنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئۇنى چوقۇم قولغا ئېلىش، تېز تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىغان.


  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ئامېرىكىنىڭ قولغا ئېلىشىغا ماسلىشىش، ئاسانچنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەھەتتە پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ، ئالاقىدار تەرتىپلەرنى تېزلەتتى. بۇ ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ساداقەتمەنلىكى ۋە ئامېرىكا، ئەنگلىيەنىڭ ماسلىشىپ ئاسانچ قاتارلىق ئالاھىدە زاتلارغا «دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇش» تىن ئىبارەت پاكىتنى تولۇق نامايان قىلدى.


  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسانچ دېلوسى بىر ئەينەك. ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ «ئاخبارات ئەركىنلىكى» نى قوغداشنىڭ نەقەدەر ساختىلىقىنى، يەنى باشقا دۆلەتلەرنى پاش قىلسا تولۇق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، ئۆز دۆلىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى پاش قىلسا قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنى ئاشكارىلىسا قەھرىمان بولىدىغانلىقىنى، ئۆز دۆلىتىنى ۋە شېرىكلىرىنى ئاشكارىلىسا جىنايەتچى بولىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى سۈرۈشتۈرسە «سىياسىي زىيانكەشلىك» ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى باستۇرۇشىنىڭ «قانۇن بويىچە ئىش قىلىش» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
«پۈتۈن دۇنيا ئاسانچنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە شەخسىي تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ. ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ھامان كۈچىيىدىغانلىقىغا، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەڭگۈ خالىغىنىنى قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!» دېدى ۋاڭ ۋېنبىن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى



مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ