مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەرقىي شىمال چېگرا رايونى ___

ئىتتىپاقلىشىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش

2022.06.22 13:06 مەنبە: خەلق تورى

  «بۇ ئارىلاشما ئورماننى دەل جايىدا پەرۋىش قىلغانلىقتىن، ئورمانلار بۆلەكلەر بويىچە سۈپەتلىك، ئىلمىي ئۆسۈپلا قالماي، ئورمان خاس كەسپىمۇ تەرەققىي قىلدى» دېدى، ليۇ ياڭشۈن بىزنى قويۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە باشلاپ، __ قىزىل قارىغاي، ئاق قېيىن ناھايىتى چىرايلىق، ئېگىز ئۆسكەن بولۇپ، ئورمانلىقتا ياۋا تاغ چىڭسىيى، تىكەنلىك كەرەپشە تازا ئاينىغانىدى. بۇ يەر خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىچۈن شەھىرى بولۇپ، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن ليۇ ياڭشۈن شاڭگەنلىڭ ئورمانچىلىق ئىدارىسى شىشۈي ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ پېنسىيونېرى. 2014-يىلى، كىچىك ھىنگان تېغى ئورمانچىلىق رايونى تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختاتتى، يىچۈن تىپ ئۆزگەرتىش يولىغا ماڭدى.


  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىچۈندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ليۇ ياڭشۈننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، كىرىم-چىقىم ھېساباتى توغرىسىدا پاراڭلاشقانىدى. «باش شۇجى بىزگە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، كۆپرەك يېڭى يول تېپىشنى تاپىلىدى».


  ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قوللىشى بىلەن، ليۇ ياڭشۈننىڭ سەھرا ئارامگاھىدا شۇ يىلى دۇەنۋۇ بايرىمىدا ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلاندى. نەچچە يىلدا شىشۈي ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى سەھرا ئارامگاھى 24كە يەتتى.


  «بىز ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە 15 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %83.8كە يەتكۈزدۇق» دېدى، يىچۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈي خۇڭبو.


  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەرقىي شىمال رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك.


  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنىڭ رولى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لىق ئورنى يەنىمۇ نامايان قىلىندى.


  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلىمىز قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان خېيلۇڭجياڭ فۇيۈەن شەھىرىگە كەلگەندە، جيۇچېڭ شال ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «<بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ تۇرمۇشى، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك>. باش شۇجىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى دەل يول كۆرسەتكۈچ نۇرلۇق چىراغ» دېدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى يۈەن شېڭخەي. ئالتە يىلدىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك شال ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار ئۈچۈن جەمئىي 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى.


  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2021- يىلى، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 280 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %20تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.


  ھىنگان تاغلىرىدىن چاڭبەيشەن تېغىغىچە، خېيلۇڭجياڭدىن تۇمېنجياڭغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئامما بىلەن سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى سوراپ، باشتىن-ئاخىر چېگرا رايون خەلقىنىڭ غېمىنى يەپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا رىشتە باغلىدى.


  «يېزا خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى دېھقانلارنىڭ ھەميانىنىڭ تومپىيىپ چىققان-چىقمىغانلىقىغا قاراش كېرەك» 2015- يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە لۇڭشى شەھىرى دۇڭچېڭ بازىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىسى لى لۇڭجىنىڭ ئۆيىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.


  ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ كەنتىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، بۇلتۇر كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 16 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 400 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. «<13-بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى مەبلىغىدىن جەمئىي 510 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، 389 تۈرنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى بەش نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق» دېدى، يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى.


  لياۋنىڭ ئۆلكىسى دەندۇڭ شەھىرى دۇڭگاڭ شەھىرى خېلۇڭ كەنتىدە تاغ-ئورمانلار يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارايتتى. بىرقانچە يىل ئىلگىرى، خېلۇڭ كەنتىنىڭ 10-گۇرۇپپىسى شۇ جايدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۆزگىچە مىللىي كەنت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، مانجۇ ئۆرپ-ئادەت كەنتى بەرپا قىلىندى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرى، ھويلا- ئارانلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئۆزگەرتىپ، كەنتتە ئاسفالت يول ياسالدى، ئۆيلەرگە كەڭ بەلباغلىق تور ئۇلاندى». ئۆزگىرىش تىلغا ئېلىنغاندا، كەنت ئاھالىسى ما چىلىننىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.


  «ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلسا، جۇڭخۇا مىللىتى جەزمەن تېخىمۇ گۈللىنىپ راۋاجلىنىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن تېخىمۇ باياشات، گۈزەل بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى 5- ئاينىڭ 24-كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ يېزىسى باچا كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان سۆزى قەلبلەرنى ئىللىتىپ، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.


  چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشتا كەسىپنى ئاساس قىلىش كېرەك. باچا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يوۋ مىڭگو مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرى بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، تېرىقچىلىق قىلىدۇ، بېلىق تۇتىدۇ، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، يىل بويى بىكار تۇرمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى بۇ خېجې مىللىتى كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىنى يېڭى كەيپىياتقا ئىگە قىلدى، چېگرا رايون تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەرنى كۈتۈۋالدى».


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ