مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاتا - ئانىسى قوشۇلغان بولسىمۇ بەدىنىگە گۈل چەكتۈرۈشكە بولمايدۇ!

2022.06.21 22:11 مەنبە: تىيانشان تورى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بالىلار پاراۋانلىق مەھكىمىسى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تور ئەھلىنىڭ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەدىنىگە گۈل چېكىشنى تۈزەش خىزمىتى چارىسى» توغرىسىدىكى بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئاتا ـ ئانىسى ئىجازەت بېرىپ قوشۇلغان بولسىمۇ يەنىلا بەدىنىگە گۈل چېكىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدىغانلىقى، ئاتا ـ ئانىسى ئۆزى ئاچقان بەدەنگە گۈل چېكىش دۇكىنىمۇ بالىلىرىنىڭ بەدىنىگە گۈل چەكسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

  تورداشلار 6- ئاينىڭ 7- كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە سۆز قالدۇرۇپ دېيىشىچە: ئالاقىدار ماتېرىياللاردا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەدىنىگە گۈل چەكتۈرۈش ھەرىكىتى توغرىلىق ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ياكى ئىنكار قىلىنغان ئەھۋاللار يوق ئىكەن، يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەدىنىگە گۈل چېكىشنى تۈزەش خىزمەت چارىسى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ )دە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بەدىنىگە گۈل چېكىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مەنئى قىلىنىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلىنىپتۇ. بۇ قېتىمقى ئېنىق بەلگىلىمىگە قارىتا، مېنىڭ بىر قانچە سوئالىم بار: 1. بەدىنگە گۈل چەكتۈرۈش ھەرىكىتىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىنى پۈتۈنلەي ئويلاشماسلىق كېرەكمۇ؟ 2. ئاتا - ئانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەدىنىگە گۈل چەكتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئېتىراپ قىلىشقا بولامدۇ؟ ياكى ئاتا - ئانىلار بەدەنگە گۈل چېكىش دۇكىنى ئاچسا، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ بەدىنىگە گۈل چەكسە بولامدۇ؟ 3. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ دەخلى ـ تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسا، بەدەنگە گۈل چېكىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەكمۇ؟

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بالىلار پاراۋانلىق مەھكىمىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھەق- تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق -تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەر بولۇپ، بەدىنىگە گۈل چەكتۈرۈش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ چۈشىنىش ۋە ئەقلىي ھۆكۈم قىلىش دائىرىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا ئالاھىدە قوغداش، ئالدىن قوغداش كېرەك. «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 17-ماددىسىدا: «ئاتا -ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ، ئاتا - ئانىلار ئىجازەت بېرىشكە قوشۇلغان بولسىمۇ يەنىلا بەدەنگە گۈل چېكىش مۇلازىمىتى قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئاتا -ئانىلار ئۆزى تىجارەت قىلىدىغان بەدەنگە گۈل چېكىش دۇكىنىمۇ بالىسىنىڭ بەدىنىگە گۈل چەكسە بولمايدۇ. بەدەنگە گۈل چېكىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە، ئوخشاش بولمىغان دېلوغا ئالاقىدار چارە ۋە تەرتىپكە ئاساسەن بېجىرىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ