مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتكۈل خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش لازىم

(خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى دەل ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق)

2022.06.21 22:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەمنىڭ ھاياتى، قىممىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، ھەممە ئادەمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. ئۇزاق مۇددەت جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.

  «دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى (2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»نى ۋاراقلايدىغان بولساق، «ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ھەرىكەت پىلانى ئايرىم باب قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ھەر خىل ئالاھىدە توپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئالاھىدە توپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار بۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە تۈزۈم قاتارلىق كۆپ قاتلاملاردا مىللەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇش، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھەر جەھەتتىن كاپالەتلەندۈردى؛ ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسىنى سىجىل تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى باراۋەر پۇرسەتتىن بەھرىمەن قىلدى... تەرەققىيات نەتىجىلىرى بارلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزمەكتە.

  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش چوڭ ئائىلىسى بىرلىكتە بەرپا قىلىنماقتا

  مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىدۇ، 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بار. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل 438 نەپەر بولۇپ، %14.7 نى ئىگىلىدى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئەزالار 247 نەپەر بولۇپ، %11.45نى ئىگىلىدى.

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دىن ئىشلىرى قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئەدلىيە پائالىيىتى، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە قانۇنلۇق ئىشلىتىلىشى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى. مىللىي رايونلاردا باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلدى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ