مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلاملىق كودىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە چوقۇم مەسئۇل بولۇش كېرەك

2022.06.21 22:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساغلاملىق كودىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ قويۇلغانلار تەكشۈرۈلدى! خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا بىر قىسىم كەنت-بازار بانكىسىدىكى پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق كودىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ قويۇش مەسىلىسىگە قارىتا، جېڭجوۋ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويغان بولۇپ، «خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ساغلاملىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى»گە خىلاپلىق قىلغان قالايمىقان قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويۇش ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ساغلاملىق كودىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە چوقۇم مەسئۇل بولۇش كېرەك!

  قىزىل سىزىقنى دەسسىمەڭ، قالايمىقان دەسسىگەن ھامان چوقۇم نەس باسىدۇ. بۇ قېتىملىق ساغلاملىق كودىنى قىزىل قىلىپ قويۇش ۋەقەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جامائەت پىكرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى، شۇنداقلا بەزى جايلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ساغلاملىق كودىدا قالايمىقان ئىش قىلىشقا، تۆۋەن چەكنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا، قانۇن-نىزاملار بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەسىلە بار بولغىنى ساغلاملىق كودى ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق كودىنى باشقۇرىدىغانلار، شۇنداقلا ساغلاملىق كودىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلەر. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم قەپىسىگە سېلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ساغلاملىق كودىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ قويۇش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىغا يەنە باشقا مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان. بەزى يېزا-بازار بانكىلىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇپ، پۇل قويغۇچىلار پۇلىنى چىقىرالمىغانلىقتىن، ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولغان. بۇنىڭدىن، ۋەقەگە چېتىشلىق بانكىدىن پۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خېنەن ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنسەي گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى لۈ فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى جىنايەت شايكىسى كەنت-بازار بانكىسىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق بولغان، نۆۋەتتە بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلغان. ئادەمغۇ تۇتۇلدى، پۇل قويغۇچىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولامدۇ؟ تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ جىنايەت شايكىسى قانداق قىلىپ مەقسىتىگە يەتتى ؟ تېگىشلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى نەگە كەتتى؟

  ساغلاملىق كودىنى قىزىلغا ئۆزگەرتىپ قويۇش ۋەقەسى بىر زەنجىرسىمان دېلو. ھەربىر ھالقىنى بوش قويۇۋەتمېتىشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەربىر مەسئۇل كىشىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ ھەمدە مەسىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇش مەنبەسىنى چۈشەندۈرگەندىلا، ئاندىن بىخ ھالىتىدە يوقاتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ