مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ داڭلىق مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى مەملىكەت خەلقىگە ھەقسىز

2022.06.21 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022 ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 2022 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، فۇجيەندىكى ۋۇيىشەن مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى مەملىكەت خەلقىگە ھەقسىز، ئاساسىي مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئاساسەن، ئاساسىي مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمان بولىدۇ (ساياھەت ئاپتوموبىل بېلىتى ۋە بامبۇك سالدا ئېقىش بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ھەر كۈنى 20 مىڭ ئادەم بىلەن چەكلىنىدۇ.


  فۇجيەندىكى ۋۇيىشەن تېغى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ۋە تەبىئەت مىراسىدىن ئىبارەت قوش مىراس سالاھىيىتىىگە ئېرىشكەن جاي، شۇنداقلا تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋۇيىشەن ساياھەت بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ۋۇيىشەن شەھىرى كۆپ تۈرلۈك ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت كارخانىلىرىغا كۆپ خىل «ساياھەت كاتتا سوۋغىسى» سوۋغا قىلدى، مەسىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بېلىتى ئاساسىي مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىقلار، بۇ ئېتىبار بازارنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىغا ئېرىشتى.


  ئىگىلىنىشىچە، يازلىق تەتىلدە ۋۇيىشەن شەھىرى يەنە بىر تۈركۈم سەرخىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە لىنىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن: تەبىئەت، مەدەنىيەت، پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك تەتقىقات، ئۆگىنىش مەھسۇلاتلىرى ھەمدە دۆلەت باغچىسىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇزى مەدەنىيىتى، چاي مەدەنىيىتى قاتارلىق بەش ئاساسىي لىنىيە؛ دالىدا قونۇش، چاقچاق چايخانىسى قاتارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويىدىكەن؛ ئېكولوگىيەلىك چايزار ساياھىتى، ئەركىن ساياھەت، يېشىل دالىدا سەيلە قىلىش قاتارلىق ئېسىل لىنىيە تەسىس قىلىدىكەن.


  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋۇيىشەن شەھىرى ساياھەت ئەرز ـ شىكايىتىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ساياھەت ئەرز ـ شىكايىتىنى بىر تۇتاش تېز قوبۇل قىلىش سۇپىسى 5134110 -0599 تەسىس قىلىپ ساياھەت ئەرز ـ شىكايىتىنى مەركەزلىك قوبۇل قىلىش، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قايتما ئىنكاس قىلىشتىن ئىبارەت «ئالتە تېز» بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ۋۇيىشەن تېغىدا كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىش، خۇشال ـ ئازادە غىزالىنىش، خاتىرجەم ياشاش، خاتىرجەم كېچە ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ