مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەتئەلدىن 47 تال سۇۋەرەك كىردى

2022.06.20 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شيامېن تاموژنىسى چېگرادىن رېمونت قىلدۇرۇلغىلى كىرگەن ئايروپىلاندىن 47 سۈۋەرەكنى قولغا چۈشۈرۈپ، كۆپ خىل كېسەللىك باكتىرىيىسىنى بايقىدى.


  نەق مەيداندىكى تاموژنا خادىملىرى دەرھال بۆلمىنى پېچەتلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئايروپلاندىكى پايانداز، يۈك بۆلمىسىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى، ئورۇندۇق يوچۇقلىرى قاتارلىق جايلاردىن 16 دانە تىرىك سۈۋەرەكنى قولغا چۈشۈردى.


  ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاموژنا خادىملىرى ئارقىدىن ئايروپىلاننى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، زىيانداش ھاشارەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە 31 ئۆلۈك سۈۋەرەك بايقالغان.


  6-ئاينىڭ 16-كۈنى، فۇجيەن شيامىن خەلقئارا ساياھەت سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى بىلەن، شيامېن تاموژنىسىغا قاراشلىق ئايرودروم تاموژنىسى ئىلگىرى چېگرادىن رېمونت قىلدۇرۇلغىلى كىرگەن ئايروپىلاندا قولغا چۈشۈرگەن 47 سۈۋەرەكنى گېرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكى دەپ بېكىتتى.


  تەكشۈرۈشكە يوللانغان 16 تال سۈۋەرەكنىڭ تېنىدىن ئارپا ئۈندۈرمىسى يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە، غىلاپلىق ئامىنو ئالكوھول يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە، خېرتسى ئېسخىد باكتېرىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنى تەكشۈرۈپ چىققان.


  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىم بايقالغان سۈۋەرەكنىڭ بەدەن سىرتىدا ئارپا ئۈندۈرمىسى يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە، خېرتسى ئەيشى باكتېرىيەسى بايقالغان بولۇپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئاسانلا باش قانلىق ئىششىقى، مېڭە پەردە ياللۇغى، سېپتىتسېمىيە، يىرىڭلىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، خەۋپكە سەل قاراشقا بولمايدىكەن.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ