مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلاندى!

2022.06.20 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان جېڭجوۋ بىلەن چۇڭچىڭنى تۇتاشتۇرىدىغان جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا 20-ئىيۇن پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى.


  جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 434 كىلومېتىر بولۇپ، شياڭياڭ شەرقىي بېكىتىدىن باشلىنىپ، ۋەنجوۋ ۋوگزالىدا ئاخىرلىشىدۇ . شياڭياڭ شەرقىي ۋوگزالى، نەنجاڭ، باۋكاڭ ناھىيەسى، شېننۇڭجيا، شىڭشەن، بادۇڭ، ۋۇشەن، فېڭجيې، يۈنياڭ، ۋەنجوۋ قاتارلىق ئون يېڭى ۋوگزال تەسىس قىلىندى.


  جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شياڭياڭ-ۋەنجوۋ بۆلىكىدە كۈنىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 106 ۋاگونلۇق ئوق پويىز قاتنايدۇ. بېيجىڭ، تيەنجىن، تەييۈەن، جېڭجوۋ، ۋۇخەن قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىن چۇڭچىڭغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئوق پويىز قاتنايدۇ.


  بېيجىڭ، جېڭجوۋ، ۋۇخەندىن چۇڭچىڭغىچە ئەڭ تېز بولغاندا ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئالتە سائەت 46 مىنۇت، تۆت سائەت 23 مىنۇت، تۆت سائەت 57 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
يولۇچىلار ئەتىگەندە ۋۇخەندە ئوبدان ناشتا قىلىۋېلىپ چۈشتە چۇڭچىڭغا بېرىپ خوگو يېسە بولىدۇ.


  جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغانلىقى شېننۇڭجيا، نەنجاڭ، باۋكاڭشىڭشەن، بادۇڭ رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، «ئوتتۇرا جۇڭگونىڭ ئۆگزىسى» دەپ ئاتالغان شېننۇڭجيادىن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا بىۋاسىتە خەنكوۋ ۋوگزالىغا يېتىپ بارالايدۇ.


  جېڭجوۋ-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغان بىر ئايدا، بارلىق يولۇچىلار شېننۇڭجيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالىدغا بارىدىغان پويىز بېلىتىگە ئاساسەن، شېننۇڭ چوققىسى، داجيۇخۇ كۆلى، گۇەنمېنشەن تېغى، شېننۇڭتەن، تيەنشېڭچياۋ، تيەنيەن قاتارلىق شېننۇڭجيا ئورمان رايونىدىكى ئالتە چوڭ مەنزىرە رايونىنى ھەقسىز تاماشا قىلالايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ