مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ تۈردىكى ئىختىساسلىقلار بەك كەمچىل، ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، ئايلىق مائاشى 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى

2022.06.20 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۈندىلىك تازىلىق ئىشچىسى، بالا باققۇچى، ئانا-بالىلار پەرۋىش ئۇستىسى قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرى ئىش ئورنىدىن باشقا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىملىرىغا بولغان ئېھتىياجمۇ شىددەت بىلەن ئاشماقتا. قىسمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە ئىشلىرى شىركەتلىرى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بەس-بەستە ئائىلە ئىشلىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىدىن ئويلاشماقتا.


  بېيجىڭدىكى بىر ئائىلە ئىشلىرى شىركىتىنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشقا مەسئۇل خادىمىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە ئىشلىرى تەربىيەلەش دەرسلىكى يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان، ئەسلىدە 6-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تەربىيەلەنگۈچى دەرسنى ۋاقتىدا تاماملىيالمىغاچقا، بۇ تۈردىكى ئىش ئورنىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىققان.


  خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ماھارىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىملىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەندىن 35 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، خىزمەت مەزمۇنى ئاساسلىقى ئائىلە باشقۇرۇش، ئائىلە تەربىيەسى ياكى ئائىلە پائالىيىتىنى تەشكىللەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بېيجىڭدىكى بىر كەسپىي شۆيۈەننىڭ ئائىلە ئىشلىرى كەسپىي ئەمەلىيەت دەرسى ئوقۇتقۇچىسى رېن جيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن دەرسلەر پەقەت توردا ئۆتۈلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىمۇ ناھايىتى ئېنىق.


  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئادەم ئىشلىتىشتىكى بوشلۇقنى ۋاقتىدا تولۇقلاش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئائىلە مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى تەسىس قىلغان ئالىي مەكتەپلەر بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن نىشانلىغان.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ