مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باشقا جايدا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ شەھەرگە كېلىپ خىزمەت ئىزدىسە، بىر يىللىق ياتاق بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ

2022.06.17 21:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، «فۇجوۋ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى نامىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، لەيرۇڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، پىراكتىكا مەزگىلىدە ھەقسىز ياتاقتا يېتىشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، خىزمەت ئىزدەش پىراكتىكىسىدا ھەقسىز ياتاقتا يېتىش مۇددىتىنى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىككە ئۇزارتتى.

  كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، مۇلازىمەت ئوبيېكتى

  ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئۈچ يىل ئىچىدە (ئوقۇش پۈتكۈزۈش يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) فۇجوۋ شەھىرىدە خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە پىراكتىكا قىلىشنى ئويلىغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن سىرتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئۇزاق بولغاندا، بىر يىلدىن ئاشمايدىغان ھەقسىز ياتاق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەر بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىملا بەھرىمەن بولىدۇ.

  سىرتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:

  1. فۇجوۋ شەھىرىنىڭ گۇلوۋ، تەيجياڭ، ساڭشەن، جىنئەن، ماۋېيدىن ئىبارەت بەش شەھەر رايونى نوپۇسىدا بولمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار فۇجوۋ شەھىرىنىڭ بەش شەھەر رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا خىزمەت ئىزدىگەن بولسا؛

  2. فۇجوۋ شەھىرىنىڭ باشقا ناھىيە (شەھەر) رايون سىرتىدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى — شۇ ناھىيە (شەھەر) رايون نوپۇسىدا بولمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تەۋەلىكتىكى رايوندا خىزمەت ئىزدەشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۆي بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش پراكتىكىسى مەزگىلىدىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ توغرا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھەقسىز ياتاق كاپالىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىمەيدۇ:

  (بىرىنچى) فۇجوۋ شەھىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ھەمدە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغان بولسا. (ئىككىنچى) بۇ شەھەر يولغا قويغان ئىختىساسلىقلار تۇرالغۇ كاپالىتى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا.

  ئىككىنچى، مەلۇم قىلىش يوللىرى

  «فۇجوۋ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» (福州人社) ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا ئەگىشىپ، «كادىرلار، ئىختىساسلىقلار»- «مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش» ئىچىدىن «ياتاق ئىلتىماس قىلىش»نى تاللاش ھەمدە توردا كېرەكلىك ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەلۇم قىلىش تەرتىپى

  شەخسلەر توردا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، فۇجوۋ شەھەرلىك كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. ھەر قايسى ياتاق نۇقتىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچى كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ ھەمدە كۈندىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

  تۆتىنچى، باشقا ئىشلار

  (بىرىنچى) ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان كۈنى (6-ئاينىڭ 14-كۈنى) ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

  (ئىككىنچى) كۆچۈپ كىرگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ شەھەرنىڭ ئىختىساسلىقلار زاپىسى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، شەھەرلىك كادىرلار-ئىختىساسلىقلار مەركىزىگە بۇ شەھەرنىڭ ئىختىساسلىقلار زاپىسىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ھەمدە مۇناسىپ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشكە بولىدۇ.

  (ئۈچىنچى) ناھىيە (شەھەر) رايونلاردىكى شارائىتى بار ياتاق نۇقتىلىرى كۆچۈپ كىرگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئىگىلىك تىكلەش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ.

  (تۆتىنچى) ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ