مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2022-يىلى مەملىكەت بويىچە 67 مىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش پىلانلاندى

2022.06.17 21:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «2022-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، 2022-يىلى مەملىكەت بويىچە 67 مىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش پىلانلاندى، مەركەزنىڭ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» يەنىلا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە يۈزلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئەسلىدىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان-يۆلەيدىغان ناھىيەلەر، ئاز سانلىق مىللەت رايونى قاتارلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ھالدا يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇقلىنىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2022-يىلى، مەركەزنىڭ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» يەنىلا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە يۈزلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئەسلىدىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان-يۆلەيدىغان ناھىيەلەر، ئاز سانلىق مىللەت رايونى قاتارلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ؛ نۇقتىلىق ھالدا يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، چەت ئەل تىلى، ئىلىم-پەن، ئەمگەك، پىسخىكا ساغلاملىقى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئالاھىدە مائارىپ قاتارلىق كەمچىل بولۇۋاتقان، ئاجىز بولۇۋاتقان پەنلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، كەڭ كۆلەمدە ئېلان قىلىشى، بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان ئۆلكىلەر بەلگىلىمە بويىچە، تەرتىپ بويىچە تولۇقلاپ قوبۇل قىلسا ياكى تەڭشەش پىلانى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھاننى تەشكىللىسە بولىدۇ. چەت، يىراق، جاپالىق رايونلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسىپلەر ئالاھىدە ئىش ئورنىغا ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بېرىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ ياكى ئىمتىھان بېرىش نىسبىتىنى تەسىس قىلماي، يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش، بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئاشكارا تەكلىپ قىلىپ، نەتىجىسىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش چېكىنى بېكىتىش كېرەك. ئالاھىدە چەت، يىراق، جاپالىق، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان رايونلارغا قارىتا، يەرلىك ئوقۇغۇچى مەنبەسىگە مايىللاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ھەم ۋەزىپىسىدە قېلىشنى خالايدىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئىشتاتقا كىرىشى ھەم خىزمەت ئورنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى باشقۇرۇشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاش ۋە يېڭىلاش كېرەك.

  تۆۋەندە: مەركەزنىڭ 2022-يىللىق ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىدىكى جايلارنىڭ ئىش ئورنى سانىنى تەقسىم قىلىش جەدۋىلى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ