مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: دۆلىتىمىز ئون يىلدىن بۇيان 7 مىليوندىن ئارتۇق ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانت يېتىشتۈردى

2022.06.15 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئاسپىرانتلارنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇنۋان باشقۇرۇش ۋە ئاسپىرانتلار مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇڭ دايۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 800 دىن ئارتۇق ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئورنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا 600 مىڭدىن ئارتۇق دوكتور ۋە 6 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ماگىستىرنى ئەۋەتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.


  خۇڭ دايۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە پەن، كەسىپ سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىلمى، جۇڭگو تېبابىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر ۋە كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان تۈرلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، قۇرۇلۇش كەسپى ئىلمىي ئۇنۋان تۈرى بىردىن سەككىزگە تەڭشىلىپ، 14 پەن تۈرى، 113 بىرىنچى دەرىجىلىك پەن، 47 كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەن كەسپىي مۇندەرىجىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرىنى قاپلىدى.


  تۈرگە ئايرىپ يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. ئىلمىي ئۇنۋاننى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋاننى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ماگىستىرلىق كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانى ئالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %35 تىن 2021- يىلىدىكى %58 كە يەتتى، دوكتورلۇق كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋانى ئالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %5.8 تىن %9 كە يەتتى، كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن ئىلمىي ئۇنۋان ئوخشاش مۇھىم، تۈرگە ئايرىپ راۋاجلاندۇرۇش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ