مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش لازىم

2022.06.14 22:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەشلىرىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى قارارى» توغرىسىدىكى ئىزاھاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىغا كونكرېت، تارىخىي، ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق، تەرەققىياتقا باغلايدىغان نۇقتىئىنەزەر بىلەن قاراش كېرەك. توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىم ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك.» بۇ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجىلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە تارىخىغا كونكرېت تارىخىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ماركسنىڭ ئۇسۇلى ئالدى بىلەن كونكرېت ۋاقىت، كونكرېت شارائىتتىكى تارىخىي جەرياننىڭ ئوبيېكتىپ مەزمۇنىنى ئويلىشىشتىن ئىبارەت.» پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كەلگەن. پارتىيە تارىخىنى يەكۈنلەشتە كونكرېت تارىخىي پاكىتقا قايتىپ، ئوبيېكتىپ پاكىت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تارىخنىڭ ئۆزىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەۋقەنى پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كونكرېت كۈرىشىگە قويۇپ، ئوبيېكتىپ باھا بېرىش كېرەك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا 100 يىللىق پارتىيە تارىخى يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە بۆلۈنۈپ، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ئاساسىي ۋەزىپە، ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەت، كۈرەش مۇساپىسى، زور مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىقلار كونكرېت تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن بولۇپ، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە تارىخىغا ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىش لازىم. تارىخقا سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا، پارچىلارنى بىر پۈتۈنلۈكتىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەر ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە. «قارار»دا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قاراپ چىقىلدى. مەسىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ھەم ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولغان، ھەم زور پەرق بولغان بۇ ئىككى مەزگىل توغرىسىدا «قارار»دا مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى: «ئىزدىنىش جەريانىدا، گەرچە ئېغىر ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى يېڭى تارىخىي دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىشنى قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيە تەييارلىقى ۋە ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.» بۇنىڭدا، پارتىيە تارىخىغا ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىش تەلىپى نامايان قىلىندى.

  پارتىيە تارىخىغا تەرەققىياتقا بىرلەشتۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش لازىم. باغلىنىش نۇقتىئىنەزىرى، تەرەققىيات نۇقتىئىنەزىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى. «قارار»دا ھەم پارتىيەنىڭ تارىخى يەكۈنلىنىپ، ھەم كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، باغلىنىش، تەرەققىيات قارىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى. پارتىيەمىز چىقارغان ئۈچ تارىخىي قارارغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىكى پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم، زور ۋەقەلەر، مۇھىم يىغىنلار، مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە، ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قاراردا ۋە پارتىيەنىڭ بىر قاتار مۇھىم ھۆججەتلىرىدە نۇرغۇن بايان قىلىنغان، ھەممىسىدە تەنتەنىلىك يەكۈن چىقىرىلغان. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارى بۇ ئاساسىي بايان ۋە يەكۈندە چىڭ تۇرۇلدى.» ئۈچ تارىخىي قارار ئورگانىك يۇغۇرۇلغان، ئىچكى بىردەك بولۇپ، باغلىنىش قارىشى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قارار»دا يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە توپلانغان يېڭى تەجرىبىلەر نۇقتىلىق يەكۈنلەندى. بۇ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دىققەتنى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىدە ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق بولۇپ، تەرەققىيات قارىشى تولۇق نامايان قىلىنغان.

  كونكرېت تارىخىي، ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق بولغان، تەرەققىياتقا باغلىنىدىغان نۇقتىئىنەزەر بىلەن پارتىيە تارىخىغا مۇئامىلە قىلىپ، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، ئاساسىي ئېقىمىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلىيەلەيمىز. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ، باشتىن-ئاخىر كوممۇنىستىك غايە ۋە سوتسىيالىزم ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنى ئازاد قىلىش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلدى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخى بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيەدە ئىزدىنىش تارىخى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخى. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى باش تېما، ئاساسىي لىنىيە، ئاساسىي ئېقىم ماھىيىتىنىڭ سىستېمىلىق نامايان قىلىنىشى كىشىلەرگە قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىلالايدىغانلىقىنى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسقاتىدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىدىيەنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تارىخىي ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ