مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز بلىنكېننىڭ جۇڭگونىڭ سىياسىتى ھەققىدىكى نۇتقىغا قارىتا ئۈچ قېتىم رەددىيە بەردى

2022.06.01 20:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىشخانىسى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىغان: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن يېقىندا جۇڭگونىڭ سىياسىتىگە قارىتىلغان نۇتقىدا شىنجاڭغا، شىزاڭغا، شياڭگاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگوغا قارا چاپلىغان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېننىڭ جۇڭگونىڭ سىياسىتىگە قارىتىلغان نۇتقىدا شىنجاڭدا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش»، «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى»، «تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرى» مەۋجۇت دەپ قارىلىدى. بۇ قاراشلار پۈتۈنلەي ئەسىر يالغانچىلىقى. جۇڭگو كۆپ قېتىم پاكىت ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈردى. شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد گۈللەندى، جەمئىيەت ئىناق بولدى، دىنىي مەدەنىيەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى ئايرىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئېغىزىدىكى ئاتالمىش «گۈزەل مەنزىرە» تارىخقا ئايلاندى. ئامېرىكا تارقاتقان بۇ يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئارقا-ئارقىدىن ھەقىقىي ئەھۋال تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى قانچە غەزەپلىنىپ «ئىرقىي يوقىتىش» دېگەندەك يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تەكرارلىغانسېرى، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكى، ساختىپەزلىكىنى شۇنچە ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىنى شۇنچە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلمىشىغا بولغان غەزىپىنى شۇنچە قوزغايدۇ.

  ئامېرىكا جۇڭگوغا گۇناھ ئارتماقچى بولدى، بۇ گۇناھلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئۆزى پاكىز يۇيالمىغان جىنايىتى ۋە رەزىل قىلمىشىدۇر. ئاۋۋال بۇ جىنايەتلەرنى سۆزلەپ باقايلى: ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ئىرقىي يوقىتىش، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە ئۇچراش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە؛ ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار ئىلگىرى پاختا ئېكىنزارلىقىدا «مەجبۇرىي ئەمگەك» قىلاتتى، ھازىر يەنىلا «نەپەس ئالالماي قالدى»، مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ «بىر ئارزۇسى بار» ئىدى، ئۇ ھازىر يەنىلا يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ پېتى تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تېخىمۇ كۆپ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقۇمغا پاسسىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەبلىك مىليونلىغان ھاياتلىقنى تېنىدىن جۇدا قىلدى؛ ئامېرىكىدا ئۇدا يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش دېلوسى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 110 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، بۇ ئوققا تۇتۇش دېلولىرى ئاتالمىش «ئامېرىكا ئارزۇسى»غىلا ئەمەس، يەنە سانسىزلىغان ئامېرىكا خەلقىنىڭ قەلبىگىمۇ زەربە بولدى؛ ئامېرىكا ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ ۋە قوراللىق ئارىلىشىپ، ئىراق، سۇرىيە، لىۋىيە، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم مۇساپىر بولدى. ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلدارى قەيەردىن كەلگەن ئىشەنچ، جاسارەت ۋە يۈزى بىلەن جۇڭگونى ئەيىبلەيدۇ؟

  ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، تۈرلۈك يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇپ تارقىتىش، جۇڭگوغا قارا چاپلاش، تۆھمەت قىلىشنى توختىتىشى، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك. ئامېرىكا تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەل ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى رەزىللىكىگە ھەقىقىي توغرا قاراپ، «ئۇستاز» بولۇۋېلىش خىيالىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنى ياخشى ئىدارە قىلىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ