مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمىنى ھەقىقىي كونترول قىلماقچى بولغىنى دەل ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

2022.06.01 20:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ جۇڭگو «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمىنىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى «چەكلىدى ۋە كونترول قىلدى» دېگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 5-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنى ھەقىقىي كونترول قىلماقچى بولغىنى دەل ئامېرىكا تەرەپ. ئامېرىكا قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز بوھتان چاپلاپ، جۇڭگونى باسماقچى ۋە چەكلىمەكچى.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېن يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمى باچېلېتنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىغا شەرت قويۇپ، زىيارەتنى چەكلىدى ۋە تىزگىنلىدى، ئامېرىكا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي خادىمى باچېلېت 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى.» جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر قېتىملىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپىرى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش سەپىرى، تۈپتىن ياخشىلاش سەپىرى بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئالىي خادىم باچېلېت گۇاڭجوۋ ۋە شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى، كۆرۈشۈش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەقىقىي شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

  «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ‹پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى›گە ئوخشايدۇ.» جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: يېقىندا تېكساس ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن يامان سۈپەتلىك ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ، جۈملىدىن ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. 2001-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا تەخمىنەن 80 دۆلەتتە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن ياكى ئۇرۇش قوزغاپ، ياكى ھەربىي ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، 300 مىڭ پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گۇئانتاناموغا ئوخشاش بۇنداق «قارا تۈرمە»لەرنى تەسىس قىلىپ، سوت ئاچمايلا كىشىلەرنى ئۇزاق مۇددەت خالىغانچە قاماپ، دەھشەتلىك جازا ياكى خورلاشنى يولغا قويدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە ئىرقچىلىق چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان، ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىشكە دۇچ كەلمەكتە. بۇلار مەسىلىنىڭ پەقەت بىر قىسمى.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، باشقا دۆلەتلەرگە ئۇنى-بۇنى دەيدىغان، يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىدىغان نېمە سالاھىيىتى بار؟ بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خادىمى ئىشخانىسىدىن ئامېرىكىدا ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ھەمدە دوكلات تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ