5- ئاينىڭ 31-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بېيبېي رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى مىكرو بىلوگدا ئەھۋال خەۋەرلەندۈردى
5- ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 18:50 دە، بېيبېي رايونى لۇڭشى يولىدىكى گاڭدا ئېلېكتر شەھەرچىسى دەرۋازىسى ئالدىدا ماجىرا يۈز بەرگەن، بېيبېي رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ دېلونى بىتەرەپ قىلغان. دېلو بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، دەۋالاشقۇچى ۋېڭ فامىلىلىك (ئەر، 49 ياش) خەلق ساقچىسىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشىدىن نارازى بولۇپ، ئايالى چېن فامىلىلىك بىلەن بىللە ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان، ساقچى قورال ئىشلىتىپ ۋېڭ فامىلىلىكنى يارىلاندۇرغان، ۋېڭ فامىلىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ھازىر، تەپتىش ئورگانلىرى بۇ ئىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ