مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى 31-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2022-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2022-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، يەككە ماشىنىنىڭ باھاسى (قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان، گاز چىقىرىش مىقدارى 2 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ماشىنىلارنىڭ سېتىۋېلىش بېجىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ماشىنا لايىھەلەش، ياساش ۋە تېخنىكا ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئاساسلىقى يولۇچى توشۇش ۋە يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان يۈك-تاقلىرى ياكى ۋاقىتلىق بۇيۇملىرىنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان، شوپۇر ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا توققۇز ئادەم سىغىدىغان ماشىنىلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئېلاندا ئېيتىلغان ماشىنىنىڭ باھاسى ماشىنا سېتىۋېلىش بېجىدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماشىنىلارنىڭ باج ھېسابلاش باھاسىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ