مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاڭ جىڭخۇا پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2022.06.01 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جىڭخۇانىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.


  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ جىڭخۇانىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچتىن يۈز ئۆرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولماي، سەمىمىي بولماي، جان-جەھلى بىلەن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، خۇراپىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل ئالغانلىقى؛ ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماي، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىدە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەنلىكى؛ نەتىجە قارىشىدا پەرق بولۇپ، شەخسىي تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازار ئىگىلىكى ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش؛ ئىنتىزام، قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىنى يوقىتىپ، ھوقۇق، پۇل سودىسى قىلىش، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەنپەئەتىنى كۆزلەپ زور سوممىلىق مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.


  جاڭ جىڭخۇا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، جاڭ جىڭخۇاغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك 14-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، چېتىشلىق مال-مۈلۈكنىمۇ بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ پارتىيەدىن قوغلانغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئېتراپ قىلىنىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ