خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا جەمئىيەت ئىنكاس قىلغان خەلق مائارىپ نەشرىياتى نۇسخىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ قىستۇرما رەسىمى مەسىلىسىگە قارىتا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى، ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىدۇ، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانغان مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەرگىز مادارا قىلمايدۇ. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، بايقالغان مەسىلىلەرنى دەرھال تۈزىتىپ، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەر ساقلانغان مەسئۇل كىشىلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ