مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى غەرىزىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، دېدى

2022.05.28 20:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ يېقىندا تەيۋەنگە چېتىلىدىغان سىياسەتنى بايان قىلغاندىكى بىر-بىرىگە زىت بولۇش ئىشىغا قارىتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى نىيىتىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش» خام خىيال. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سەپ تارتىپ تەييار تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ تور بېكىتى يېقىندا «ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ پاكىت تىزىملىكى»نى يېڭىلاپ، «تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى»، «ئامېرىكىنىڭ ‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›نى قوللىمايدىغانلىقى» قاتارلىق بايانلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى چۈشەندۈرۈپ: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى ئۆزگەرمىدى، ئامېرىكا يەنىلا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللايدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى بايان قىلىشى بىر-بىرىگە زىت، ئاشكارىلانغان ھىيلە-مىكىرنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئۈزلۈكسىز مەۋھۈملاشتۇرۇپ، «كولباسا كېسىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى، بۇ پۈتۈنلەي ئەخمىقانە خام خىيال. بىز ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، تەيۋەن مەسىلىسىدە «كولباسا كېسىش»كە ئۇرۇنغانلار چوقۇم ئۆز قولىنى كېسىۋالىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ