مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى شۇنى رەسمىي ئۇقتۇرىدۇ

2022.05.27 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  5- ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.


  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تور بېكىتى يېقىندا «ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ پاكىت تىزىملىكى» نى يېڭىلاپ، «تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» ، « ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ» دېگەندەك بايانلارنى چىقىرىۋەتكەن. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى ئارقىدىن يەنە: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئامېرىكا يەنىلا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللايدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» نى قوللىمايدۇ، دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟


  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق سىياسەتلەردىكى بايانلىرى بىر-بىرىگە زىت، بۇ ھىيلە-مىكىرلىرى ھەممىگە ئايان. بىر مەزگىللەردىن بۇيان، ئامېرىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئۈزۈكسىز مەۋھۇملاشتۇرۇپ، «قېزا كېسىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى، بۇ پۈتۈنلەي ئەخمىقانە ئىش. بىز ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرگە شۇنى جىددىي ئۇقتۇرىمىزكى، تەيۋەن مەسىلىسىدە «قېزا كېسىش» ئۇسۇلىنى قوللانغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ قولىنى كېسىۋالىدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇپ، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ