24- چېسلا كەچتە، بىر تورداش گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرى مىنلې ناھىيەسىدىكى بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بالىلارغا تەن جازاسى بەرگەنلىكىنى ھەمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ بېشىغا ئۇرغان سىن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
25-چېسلا، مىنلې ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇ جايدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت مائارىپ ئىدارىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 24-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەردە، فەن فامىلىلىك ئوقۇتقۇچى ئۇسسۇلنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقاندا، بەزى بالىلارنى قوپاللىق بىلەن سىلككىشلەپ-تارتقۇچلاپ، ئتتىرىپ-دۈشكەللەپ، ئۇرۇپ -تىللاپ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
مىنلې ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق فەن فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشىتىش، بۇ يەسلىنى باشقۇرغۇچى مىنلې ناھىيىلىك مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فامىلىلىكنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەمدە ناھىيە بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش؛ ۋەقەگە چېتىشلىق بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ھەمدە بالىلارغا پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى قارار قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ