مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى خۇڭ شيۇجۇ مۇنداق دېدى

شىنجاڭ جەمئىيىتى ئىناق، سىغدۇرۇشچان، ئامېرىكا بىلەن غەرب ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانچىلىق ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ

2022.05.26 22:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، جۇڭخۇا چىڭيەن تىنچلىق تەربىيەسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇڭ شيۇجۇ يېقىندا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جەمئىيىتى ئىناق، شاد-خۇرام، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان، ئامېرىكا بىلەن غەرب شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «ئىرقىي يوقىتىش» مەۋجۇد، قاتارلىق يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، لېكىن جۇڭگو ئىچكى جەھەتتىن ۋەيران بولمايدۇ.

  خۇڭ شيۇجۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ خەلقى ئىلگىرى تېررورىزم ۋە ئەسەبىي ئىدىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان غايەت زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى ئىلگىرى ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنى قانۇن ۋە دىنغا قارىتا توغرا تونۇشقا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئۇلارنى تېخنىكا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئائىلە كىرىمى ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ ئىنتايىن توغرا، شۇنداقلا ئەسەبىي ئىدىيە ۋە تېررورىزمنىڭ شىنجاڭدا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب دۆلەتلىرى شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىقلار مەۋجۇد دېگەندەك يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مۇشۇ ئارقىلىق جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى ۋە قارا چاپلىدى. خۇڭ شيۇجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باشقىلارنىڭ جۆيلۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كۆرە، ئۆزى بىۋاسىتە زىيارەت قىلغان ياخشى.»

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ئۇ دىنىي زاتلار، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈرلۈك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ ھەممىسى تۆھمەت قىلىش، قارا چاپلاش، «ئۇلار جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئويلايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ