مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنى ئەسكەرتىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى تەۋرىتىشكە بولمايدۇ، دېدى

2022.05.25 19:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 5-ئاينىڭ 24-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سېلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى مەسىلىسىدە يېزىق ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ، لېكىن دۇنيادا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىش قەدىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. دۇنيادا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق كۈچ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى مەۋھۈملاشتۇرۇپ، قۇرۇقداپ قويۇپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى. ئەگەر خاتا يولدا مېڭىۋەرسە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تولدۇرۇۋالغۇسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بەدەل تۆلەيدۇ.

  «بىز ئامېرىكا تەرەپكە شۇنى جىددىي ئۇقتۇرىمىزكى، دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپ بەرگەن ۋەدە.» ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ، «ئىككى جۇڭگو» ۋە «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن» پەيدا قىلماسلىق قىزىل سىزىقىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تولۇق ئىشەنچ، تولۇق ئىقتىدار، تولۇق تەييارلىق بىلەن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي توسۇپ، بارلىق تاشقى مۇداخىلىنى قەتئىي مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگونىڭ كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بىر كونا ناخشىسىنى ئاڭلاپ بېقىشقا دەۋەت قىلىمىز: دوست كەلسە ياخشى ھاراق بار، ئەگەر چىلبۆرىلەر كەلسە، ئۇنى كۈتۈۋالىدىغان ئوۋ مىلتىقى بار.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ