خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆلچەم رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانا ئارىسىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويدى: تەۋسىيە قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان مۇنەۋۋەر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھانسىز كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ماگىستىرلىقىغا تەۋسىيە قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتتىكى كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەسلىي مەكتىپىگە قايتىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ داڭلىق مەكتەپ مۇدىرلىرى (شۇجىلىرى)نى ئۈچ يىللىق تەربىيەلەش باشلاندى. بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك «قوش سالاھىيەتلىك» داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار (داڭلىق ئۇستىلار)، ئىشخانا ۋە تېخنىكا ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە ماھارەت ئۇستىلىرى (مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ) قۇرۇپ چىقىدۇ.
مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانا ئارىسىدا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كارخانا ئەمەلىيەت بازىسىنى تەڭشەپ تولۇقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، كارخانىلارنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەرلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كارخانا بازىسىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بازا تورىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ۋە تاللاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۈركۈم كەسىپ يېتەكچىلىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىش ئورنى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، كارخانا قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، باشقۇرغۇچى خادىملار، ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش، تۈرگە قاتنىشىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن كۆچمە ئىش ئورنىنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ئۆزئارا تەكلىپ قىلىپ، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ