مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كىچىك مەن»نى «چوڭ مەن»گە سىڭدۈرۈپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى قوشۇشقا ئىرادە باغلىدۇق (تاپشۇرۇقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ئون يىلدا)

2022.05.25 19:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىن نەنكەي داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئېلېمېنت ئورگانىك خىمىيەسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدا، باش شۇجى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش، كۈرەش قىلىشنىڭ كونكرېت نىشانىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «كىچىك مەن»نى «چوڭ مەن»گە سىڭدۈرۈپ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى قوشۇشقا ئىرادە باغلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

  باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى نەنكەي داشۆسى خىمىيە شۆيۈەنى ئورگانىك خىمىيە كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ۋۇ شيۇڭنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ۋۇ شيۇڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن پەن تەتقىقاتقا ئاتلاندى، ئۇ: «يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەت ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشالىغانلىقىم چەكسىز شەرىپىم» دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنكەي داشۆسىگە كەلگەن كۈنى، مەيدان ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك «باش شۇجى ياخشىمۇسىز»، «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز»، «جۇڭخۇانى سۆيىمىز، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرىمىز» دەپ توۋلىدى، يەنە «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى.

  نەنكەي داشۆسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەت قەلبى، مىللەت روھى، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارەت قىلىشى كېرەك.

  باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، 2021-يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، نەنكەي داشۆسىنىڭ مۇدىرى ساۋ شۆتاۋ يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا «تۇنجى دەرس» ئۆتتى، باش تېمىسى دەل «ۋەتەنپەرۋەرلىك» بولدى.

  «سىز جۇڭگولۇقمۇ؟»

  «شۇنداق!»

  «سىز جۇڭگونى سۆيەمسىز؟»

  «سۆيىمەن!»

  «سىز جۇڭگونىڭ ياخشى بولۇشىنى خالامسىز؟»

  «خالايمەن! ۋەتەننىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىنى تىلەيمەن!»... 1935-يىلى نەنكەي داشۆسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ بولىڭ نەنكەيدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن مەشھۇر بولغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى ئۈچ سوئال»نى سورىدى. 86 يىلدىن كېيىن، ساۋ شۆتاۋ بارلىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ، بىرلىكتە «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى ئۈچ سوئال»نى ئەسلەپ، يېڭى دەۋردىكى نەنكەيلىكلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

  دېيىش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى قىلىش كېرەك. ساۋ شۆتاۋ باش بولۇپ تەسىس قىلغان ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ 12 ئاكادېمىكى ئورتاق سۆزلىگەن، ئومۇمىي ساۋات بويىچە تاللاپ ئۆگىنىدىغان «تېببىي دورىگەرلىكنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە خىرىسى» ناملىق دەرس يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ساۋ شۆتاۋ مۇنداق دېدى: «داڭلىق ئۇستازلارنىڭ روھى ۋە سالاپىتى ئارقىلىق ياش ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.»

  نەنكەي داشۆسىلا ئەمەس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى پارتىيەنىڭ مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت چوڭ ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۈلگە دەرسىدىن 100 سائەتلىك دەرس مەركەزلىك بەرپا قىلىندى؛ تيەنجىن شەھەرلىك مەكتەپلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، ئون نەچچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەۋى-سىياسىي ئوقۇشلۇقى تۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇلدى؛ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ، يەسلى بىر گەۋدىلەشكەن ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى، يېتەكچىلىرى تولۇق سەپلەندى؛ 10 سائەتلىك ئىدىيەۋى-سىياسىي داڭلىق دەرسى، 100 سائەتلىك ئىدىيەۋى-سىياسىي ئۈلگە دەرسى، 1000 سائەتلىك ئىدىيەۋى-سىياسىي ئەلا سۈپەتلىك دەرسى يولغا قويۇلدى؛ ھەربىر ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى «ياخشى ھەم جەلپكار»، «تەسىرلىك» ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى بار بولۇشقا يېتەكلەندى... شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تيەنجىندىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قەتئىي ئىشەنچىسى، روھىي كۈچى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلانماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ