مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭغا ئالاقىدار مۇستەقىل دوكلاتنىڭ باش مۇھەررىرى شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەۋجۇت ئەمەس، غەربنىڭ ئەيىبلىشى تەرەققىيات رېئاللىقىدىن ئايرىلىپ قالدى، دېدى

2022.05.23 21:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن مۇستەقىل تەتقىقات دوكلاتلىرىنىڭ باش مۇھەررىرلىرى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بىر مەيدان مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەھۋالى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، يامان نىيەتتە چۈشەندۈرۈش لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس، رېئاللىقتىن ئايرىلغان. شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭغا ئالاقىدار قارالمىلاردىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»كە ئۇرۇندى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي نامايان قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ داشۆسى، لەنجوۋ داشۆسى، غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن داشۆسى، جىنەن داشۆسى قاتارلىقلار 2019-يىلىدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئون پارچىدىن ئارتۇق مۇستەقىل تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلدى. شىنجاڭدىكى ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، جىنەن داشۆسى تارقىتىش ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەتقىقات يۇرتى، ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى» مۇھاكىمە يىغىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، قىسمەن تەتقىقات دوكلاتلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  لەنجوۋ داشۆسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى، «ئامېرىكىنىڭ ‹شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش›تىكى كىرىزىس سىياسىي سۇيىقەستى ۋە يولى»نىڭ ئاپتورى لى جيې سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە-ئۈنۈمىگە سەل قاراپ، مەقسەتلىك ھالدا زىددىيەت ۋە قارشىلىشىش پەيدا قىلدى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىنى ئىنكار قىلدى. ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك تۈسىنى ئالغان كىشىلىك ھوقۇق بايانلىرى جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»نىڭ قورال تاكتىكىسىغا ئايلاندى.

  لى جيې مۇنداق دېدى: تېخىمۇ خەتەرلىك سۇيىقەست شۇكى، ئامېرىكا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش» نامى بىلەن كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى قاتلىمىدا شىنجاڭ ئىقتىسادىنى بوغۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ نامىنى ئومۇميۈزلۈك بۇلغاش جەريانىدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ سۆزلىرىدىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالدى.

  شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياشلار توپىغا قارىتا، غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىدىن كەلگەن «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نىڭ ئاپتورى تەن چۇنشۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىن كېيىن، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئائىلە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا دوست تۇتتى. شىنجاڭلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن باشقا ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى دائىم ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. شىنجاڭلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا قارىتا پىلانى بار بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ