مۇخبىرنىڭ 20-چېسلا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا 11-تۈركۈمدىكى يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرغان قىسمەن قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان. جۇڭگو مىللىي رەسىم ئاكادېمىيەسى، كۇڭزى تەلىماتىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى قاتارلىق 10 قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلات بۇ ئىسىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۆپچىلىكچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەگەر ئىسىملىكتىكى قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يەنىلا نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقالسا، بايقىغۇچىلار قانۇن بويىچە ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلسا بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشتا ياكى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتا، « جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلات ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى» تور بېكىتىدىن بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ