مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىنتىزام، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىش، ئىستىلىنى تۈزىتىش، قالايمىقانچىلىقنى خەلق ئۈچۈن تۈزەش لازىم

2022.05.20 23:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇش»نى چۆرىدەپ، 26-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىدا ئاڭلىق چىڭ تۇرۇش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى قارىشى، ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى، تۈزۈملەشتۈرۈلۈشى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پۈتۈن جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسى مۇھىم، زور ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىش، ئىستىلىنى تۈزىتىش، قالايمىقانچىلىقنى خەلق ئۈچۈن تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھوقۇقنى ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ نازارىتى ۋە چەكلىمىسىگە قويۇشى كېرەك. بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن ھەم ئىچكى تەلەپ.

  باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىنى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي مەيدان قىلىپ، خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، شۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەش ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوغداش لازىم؛ دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «چىۋىن خىيانەتچىلىكى»، «چۈمۈلە چىرىتىشى»نى قاتتىق جازالاش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ سىنىقىغا ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك؛ «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشتىكى «كۈنلۈكنى تاشلاش، تورنى بۇزۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم... پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ خەلق ئۈچۈن ئىكەنلىكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى قىممەت يۆنىلىشى ۋە تۈپ مەيدانى ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىش لازىم.

  ئىنتىزام، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىش، ئىستىلنى تۈزىتىش، خەلق ئۈچۈن قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتە ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىنتىزام، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى بەلگىلەيدۇ. قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن تەڭپۇڭسىز، يېتەرلىك بولمىغان تەرەققىياتنى ھەل قىلىشقىچە، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپلەرنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  نۆۋەتتە، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ھەم ئىلگىرى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىنمىغان بەزى جىددىي، قىيىن، ئارزۇ-ئۈمىد مەسىلىلىرى مەۋجۇت، ھەم دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يەتكەندىن كېيىن پەيدا بولغان بەزى يېڭى ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. يېڭى ۋەزىيەتكە يېقىندىن ئەگىشىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، بەختكە بولغان يېڭى ئېھتىياجىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى، قارا كۈچلەرگە، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ