مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى

2022.05.20 23:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، «يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش»نى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇقەررەر يول» دەپ تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلىش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. مەيلى شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى سىجىل كىچىكلىتىش ياكى «بوينىمىزنى قىسىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولسۇن، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ مەيلى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش سىستېمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن ياكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى كۈچەيتىش بىلەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بولسۇن، ھەممىسى بىزدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ توغرا، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش داۋامىدا تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىمى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى سىجىل قوزغىتىش كېرەك؛ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىچكى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېشىللىقنى تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك شەكلىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەر يولنى بارغانسېرى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، بۇ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تۈپ مەقسىتىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ