مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىرئەلىجان نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولدى

2022.05.19 20:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ توڭشى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، شۇ كۈندىن باشلاپ شىرئەلىجان مۇختەر كۇلۇب بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوشۇمچە توپچى سالاھىيىتىدە بولىدىكەن.

  بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن شىرئەلىجان 2020-يىلى نەنجىڭ توڭشى كوماندىسىغا قوشۇلۇپ، كوماندا رەھبىرىگە ئايلاندى، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ ئوتتۇرىچە ھەربىر مەيداندا 16.6 نومۇر ئېلىپ، 9.1 قېتىم ھۇجۇمغا ياردەم قىلىپ، تەخمىنەن «قوش ئىككى خانىلىق» نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەيدان بويىچە ئوتتۇرىچە ياردەمچى ھۇجۇم ۋە ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش سانى CBA دىكى يەرلىك توپچىلارنىڭ ئالدىدا تۇردى. 2021-2022 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئادەتتىكى مۇسابىقىدە ئۇ يارىلانغانلىقتىن، پەقەت 20 مەيدانلا مۇسابىقىگە قاتناشتى، ھەربىر مەيداندا 17.2 نومۇر ئېلىپ، 8.9 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئوتتۇرىچە ھەربىر مەيداندا ياردەمچى ھۇجۇم ۋە ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش سانى يەنىلا بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى بارلىق توپچىلار ئىچىدە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە تۇردى.

  تۇڭشى كۇلۇبى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىرئەلىجان قالتىس بولغان ۋاسكېتبول ئىدىيەسى، ئېھتىياتچان خىزمەت ئۇسلۇبىغا ئىگە، شۇنداقلا كوماندا ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ماھىر، ئۇنىڭ كوماندىنى باشلاپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە توڭشىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىدى، 38 مەيدان ئادەتتىكى مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، 36 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇغلانما نومۇردا ئەڭ تۆۋەندە تۇردى ھەمدە 27 قېتىم ئۇدا مەغلۇپ بولغان CBA ئۇدا مەغلۇپ بولۇش رېكورتىنى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ