مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «21-مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ھادىسە سەۋەبىگە ئالاقىدار خەۋەرنى ئېلان قىلغان، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت تىرانسپورت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان خادىملىرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۇلار ھەر قانداق تاراتقۇغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلمىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن، ئۇلار «خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئەھدىنامىسى» نىڭ 13-قوشۇمچە ھۆججىتىدىكى رامكا تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان ھەم ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن.
نۆۋەتتە، «21-مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش تارمىقى تەكشۈرۈش تەرتىپىگە ئاساسەن، قالدۇقلارنى پەرقلەندۈرۈش، تۈرگە ئايرىش ۋە تەكشۈرۈش، ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش، تەجرىبە قىلىپ دەلىللەش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئەھدىنامىسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئامېرىكا دۆلەت تىرانسپورت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى لايىھەلىگۈچى، ياسىغۇچى دۆلەت سۈپىتىدە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.
جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئەستايىدىل، تەرتىپلىك قانات يايدۇرىمىز ھەم «خەلقئارا خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئەھدىنامىسى» ۋە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتىكى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، ھادىسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ