مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەسكەرتمىسى

2022.05.19 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  5- ئاينىڭ 18-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 2022-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئەسكەرتىش ئېلان قىلىندى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

2022- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئەسكەرتىش

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، 2022 - يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، يېقىندا جايلار ئارقا ـ ئارقىدىن 2022 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ:


  1. ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى 14 كۈنلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نۇقتىسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىمتىھاندىكى يۇقۇم مۇداپىئە تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇنقى ئۇدا 14 كۈن ئۆز جايدا ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زۆرۈر بولمىغان يىغىلىش ۋە رايون ئاتلاپ باشقا يەرلەرگە بېرىشنى ئازايتىپ، كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلارغا بارماسلىقى، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ -خەتەر رايونلىرىغا بارماسلىقى كېرەك. ھازىر باشقا ئۆلكىلەردە تۇرۇپ قالغان ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىمتىھان نۇقتىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىمتىھان ئاپپاراتلىرىغا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، قايتىپ كېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، ئەينەن دوكلات قىلىپ، 14 كۈن بۇرۇن ئىمتىھان نۇقتىسى تۇرۇشلۇق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) گە قايتىپ كېلىشى كېرەك.


  2. ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى ساغلاملىقنى تاللاپ تەكشۈرۈشكە پائال ماسلىشىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نۇقتىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىمتىھان ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، خېسۈەن تەكشۈرۈش، ساغلاملىق كودى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق ساغلاملىقنى تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىشى ھەم ئىمتىھان نۇقتىسىدىكى ئالاقىدار يۇقۇم مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم.


  3.خەۋەرلىشىشنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقاندا تولدۇرغان تېلېفوننىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان نۇقتىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش ئۇچۇرلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، ئىمتىھان نۇقتىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىمتىھان ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىڭلار.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ