مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى بالىلار باغچىسى ئەتراپىدا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تەسىس قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

2022.05.19 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 17-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى «مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» نى تارقىتىپ، «كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ) نىڭ قىسمەن ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن. «چارە» دە ئالاقىدار قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماددىلار تۈزىتىلگەن. مەسىلەن، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» دا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن «يەسلى ئەتراپىدا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.


  «چارە» نىڭ يولغا قويۇلۇشى كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ گۈللىنىشى، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆڭۈل ئېچىش بازىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىدا ساقلانغان ئەمەلدىن قالدۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى تۈزىتىلگەن «چارە» ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بىر تۈركۈم قانۇن - نىزاملارنى ئېلان قىلدى ۋە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتمۇ تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى، بۇ قانۇن - نىزاملارغا «چارە» نى جىپسىلاشتۇرۇپ، «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ