مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭايلى

2022.05.19 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئىلمىي كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يادرولۇق كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى.

يېقىندىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى» چاتما باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى دىققەت پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا ئىشقا ئاشقان تارىخىي ھالقىشقا مەركەزلەشتۈرۈلىدىغان، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ قالدى. سىياسىي - قانۇن ئىسلاھاتى، قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغىچە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇلار شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى سىلجىتىپ، ئادەمنىڭ ئەركىن، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى.


  كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بوشاشماي ئىنتىلىدىغان نىشان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي ھەل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس سالدى. جۇڭگو پۈتۈن جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، خەلقنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئەتراپلىق دېموكراتىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 1 مىليارد 30 مىليونغا يەتتى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 1 مىليارد 360 مىليونغا يەتتى، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 75.4ياشتىن 77.9 ياشقا يەتتى، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتى 4 / 1 دىن 3 / 1 ئەتراپىغا يەتتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر.
جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئىلمىي كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يادرولۇق كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى. خەلقچىللىق جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خەلقنى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئادەمنىڭ تەرەققىياتىنى يادرولۇق ئورۇنغا قويىدۇ، بىز بۇ تەجرىبىنى ئۆرنەك قىلىپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى ئۇزاق مۇددەت كۆزەتكەن نۇرغۇن خەلقئارا زاتلار جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى ماختىدى.


  جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باش ئاچقۇچى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياشاش بارلىق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. جۇڭگو دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق» دېگەن كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم شىفىرغا ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 1990-يىلىدىكى 0.499دىن 2019- يىلىدىكى 0.761 گە يېتىپ، 1990-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىنسانىيەت تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاپ چىققاندىن بۇيانقى ئىنسانىيەت تۆۋەن تەرەققىيات سەۋىيەسى گۇرۇپپىسىدىن ئىنسانىيەت يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيەسى گۇرۇپپىسىغا ئۆتكەن بىردىنبىر دۆلەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم جۇڭگو تاپشۇرغان «تەرەققىياتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا قوشقان تۆھپىسى» توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى، جۇڭگونىڭ «تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.


  جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش شەرت. كىشىلىك ھوقۇق تارىخىي، كونكرېت، رېئال بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي شارائىتى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا قۇرۇق گەپ سېتىشقا بولمايدۇ. بىر دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بار - يوقلۇقىغا باھا بېرىشتە، باشقا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە باھا بېرىشكە بولمايدۇ، قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ سىياسىي قورالى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.


  كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، بۇمۇ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ