مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغان نۇرغۇن ئاسپىرانتنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قايتۇرۇۋېلىندى

2022.05.19 13:47 مەنبە: خەلق تورى

  


  سەنشى پېداگوگىكا داشۆسى تور بېكىتىنىڭ 18-چېسلادىكى ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، سەنشى پېداگوگىكا داشۆسى 2020-يىلى ۋە 2021-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدە بەھرىمان بولغان بارلىق ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قايتۇرۇۋالغان ۋە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرغان.


  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2021-يىلى 11-ئايدا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى تەييۇەن ئالاھىدە خادىملار ئىشخانىسى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مالىيە مەبلىغىنى بىۋاستە يەتكۈزۈش مېخانىزىمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ياردەم پۇلىنى تەقسىملەپ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغاندا، مەكتىپىمىزنىڭ ھاياتلىق پەنلىرى شۆيۈەنى ئېكولوگىيە كەسپىدە 2021-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانت ليۇ فامىلىلىك، ھاياتلىق شۆيۈەنى ئېكولوگىيە كەسپىدە 2020-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانت ما فامىلىلىك يالغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاسپىرانتلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان، تەنتەربىيە شۆيۈەنى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش كەسپىنىڭ 2020-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانتى لى فامىلىلىك، تەنتەربىيە شۆيۈەنى تەنتەربىيە كەسپىنىڭ 2020-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانتى شۈ فامىلىلىك، ئەدەبىيات شۆيۈەنى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ 2020-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانتى مېڭ فامىلىلىك، تىياتىر ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە شۆيۈەنى تىياتىر ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىنىڭ 2020-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانتى رېن فامىلىلىك ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە دۆلەت مالىيە تەمىناتىدىنمۇ بەھرىمەن بولغان، شۇ سەۋەبلىك مەكتەپ بۇ ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بەھرىمان بولغان بارلىق ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قايتۇرۇۋالدى ۋە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ