خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماكانلىشىش ئېھتىياجى ۋە ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. نۇقتىلىق ۋەزىپە بولسا كەسىپلەر، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمىتى، مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىدا بىر قانچە تۆۋەن چەكنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
بىرىنچى، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، شەھەر-بازار ئېچىش چېگراسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېڭى شەھەر قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ناملاردىن پايدىلىنىپ تېرىلغۇ يەر ۋە ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئىككىنچى، تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزىنى ساقلاپ، كەڭ كۆلەمدە چېقىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە چەت ئەلگە ئىنتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياراملىق، تېجەشلىك، يېشىل، كۆركەم يېڭى دەۋردىكى بىناكارلىق فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم، ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى باھانە قىلىپ ئۆي-زېمىن سودىسى قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر، رايون قۇرۇشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئەتراپتىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئاپەت، ھادىسە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ناھىيە بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
بەشىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە مالىيە كۈچى يار بېرىش شەرتى ئاستىدا چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى