مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى ——

مەبلەغ ۋە سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش (جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى — باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك ئاخباراتى)

2022.05.18 22:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، مالىيەنى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى؛ مەبلەغ ۋە سىياسەت كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى؛ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش دەل جايىدا يولغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى...


  5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «جۇڭگونىڭ بۇ ئون يىلى» ناملىق باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ 4-مەيدان يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ خۇڭسەي، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇپەتتىشى ۋاڭ لۇجىن، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ داۋشۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مالىيە-باج ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.


  مالىيە-باج تەپتىشلىكىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى


  ئون يىلدىن بۇيان، مالىيە-باج ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، سىجىل كۈچەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.


  —— مالىيەنى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، دۆلىتىمىز ئۇدا ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق تۈردە ئالدىن تەڭشەپ، مىكرولۇق تەڭشەپ ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىك داۋالغۇش تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى كۈچلۈك قوللىدى.


  —— مالىيە كاپالىتى تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولدى. 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 11 تىرىليون 730 مىليارد يۈەندىن 20 تىرىليون 250 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.9 ئاشتى. مالىيە «تورتى» بارغانسېرى چوڭىيىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا مالىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.


  «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مالىيە مىنىستىرلىقى باشتىن-ئاخىر مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى قوللاپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.» شۈ خۇڭسەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 2012-يىلىدىكى 12 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن 2021-يىلىدىكى 24 تىرىليون 630 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.5 ئېشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.


  —— باجنىڭ مالىيە كىرىمىنى توپلاش، ئىقتىسادنى تەڭشەش-تىزگىنلەش، تەقسىماتنى تەڭشەش فۇنكسىيەلىك رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى. ئون يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باج تارماقلىرى باج كىرىمىنى تەشكىللەپ، (ئېكسپورتتىن قايتۇرۇلىدىغان باجنى تۇتۇپ قالدى، تاموژنا بېجى، تاموژنا ئىمپورت ھالقىسىدىكى باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، 2013-يىلىدىكى 9 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن 2021-يىلىدىكى 15 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.8 ئاشتى.


  يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجى نىسبىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدىغان كارخانا %82.8 كۆپەيدى؛ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قاتارلىقلارغا باج-ھەقتە ئېتىبار سىياسەتلىرى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان 20 تەدبىر، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان 20 تەدبىر، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان 26 تەدبىر قاتارلىق باج ئېلىش-باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ يېشىل باج سىستېمىسى پائال بەرپا قىلىندى؛ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇشنى بېجىرىش ۋاقىت چېكى داۋاملىق قىسقارتىلدى؛ كىچىك، مىكرو، ئاز پايدا ئالىدىغان كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتى ئۇدا كۆپ قېتىم تۆۋەنلىتىلىپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى... ۋاڭ داۋشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باج سىستېمىسى باج خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال كۈچ قوشتى.


  ئون يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 1 مىليون 90 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇننى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەش ۋە 4 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ۋاڭ لۇجىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.


  مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى


  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى؛ باج تۈزۈمى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىندى.


  بىرىنچىدىن، مالىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ﻳﯧﯖﻰ ئىلگىرىلەش بولدى. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مالىيە كۈچى ئەندىزىسىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقى ساقلىنىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ كىرىم ئايرىمىسى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپ، مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ھوقۇق -مەسئۇلىيىتى ئېنىق، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار تەڭپۇڭ بولغان مالىيە مۇناسىۋىتى پەيدىنپەي شەكىللەندى.


  ئىككىنچىدىن، باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بارلىق كەسىپلەرنىڭ باج سېلىقىنىڭ «كۆپەيمەي ئازىيىش»ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى تۈزۈمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈن زەنجىرىنى قاپلىغان باج ئېتىبار سىياسىتى يولغا قويۇلدى؛ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى؛ بايلىق، مۇھىت بېجى تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى... باج تۈرى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى ئەلا، قانۇنى مۇكەممەل، قېلىپلاشقان، ئادىل باج تۈزۈمى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.


  2013-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 8 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل قوزغىتىلدى. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىكى تاشقى مۇھىتقا باشتىن-ئاخىر ئۇيغۇنلىشىپ، سىغدۇرۇشچان ئېشىش ۋە يېشىل باج تۈزۈمى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ باج مەنپەئەتى كۈچلۈك قوغدالدى. باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، 2021–يىلى مەملىكەت بويىچە باج كىرىمىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %85.3كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە باجنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %36كە يەتتى.


  ئۈچىنچىدىن، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خامچوت قانۇنى ۋە خامچوت قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، يىل ھالقىغان خامچوت تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، تۈرلەرنى پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى ئىجادىي يولغا قويۇلدى... ئۆلچىمى ئىلمىي، قائىدىسى ئېنىق، چەكلىشى كۈچلۈك بولغان خامچوت تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى.
مالىيە-باجنى مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، سىياسەت ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى


  نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مالىيە، باج تارماقلىرى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە مۇۋاپىق كۈچەپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشتى. ھازىر، تۈرلۈك سىياسەتلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى سىجىل جارى قىلدۇرۇلماقتا.


  بىرىنچىدىن، يېڭى بىرىكمە شەكلىدىكى باج -ھەق جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن بىر يىلدا تەخمىنەن 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باج قايتۇرۇلىدىكەن، باج كېمەيتىلىدىكەن ۋە ھەق تۆۋەنلىتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، زور كۆلەملىك قوشۇلما قىممەت بېجىدىن تەخمىنەن 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باج توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىپ قايتۇرۇلىدىكەن. ۋاڭ داۋشۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ باج-ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە نەق پۇل ئوبوروتىنى ئاشۇرۇش سوممىسى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بۇ سىياسەتلەر كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.


  شۈ خۇڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى ئالاھىدە مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىشقا 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىللىق خامچوتقا كىرگۈزۈلگەن 800 مىليارد يۈەن تۈركۈمگە بۆلۈپ چۈشۈرۈلدى. باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتىدا يەنە 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە ئاغدۇرۇلۇپ، مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جايلارنىڭ مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.


  ئىككىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش، ئىشلىتىشى تېزلىتىلىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇندى. بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنىڭ سوممىسى 3 تىرىليون 650 مىليارد يۈەنگە يەتتى. 5-ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، ھەرقايسى جايلار 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن تارقىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن ئاشتى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تارقىتىلغان مەخسۇس زايومغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈر 11 مىڭدىن ئاشتى، 120 مىليارد يۈەنلىك مەخسۇس زايوم چوڭ تۈرلەرنىڭ دەسمايىسى قىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ماكرولۇق ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.


  ئۈچىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىلدى. كارخانا كۆلىمىدىن قارىغاندا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقى نۇقتىلىق زورايتىلدى. ساھەدىن قارىغاندا ئەشيا ئوبوروتى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق يۇقۇم تەسىرى بىر قەدەر ئېغىر بولغان قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلارنى پائال مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە ئۆي ئىجارە پۇلى، سۇ-توك پۇلى، كېپىللىك ھەققى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش چىقىمى قاتارلىق ياردەملەرنى بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى.


  «كېيىنكى قەدەمدە، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مالىيە سىياسىتىدە ئالدىغا قاراپ كۈچەپ، سىياسەت قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئالدىن ياخشى پىلانلاپ، ماكرولۇق ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى شۈ خۇڭسەي.


  «باج تارماقلىرى ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن باج كۈچىنى قوشىدۇ» دېدى ۋاڭ داۋشۇ.
ۋاڭ لۇجىن مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ۋەزىپە -مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ماكرولۇق ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ!







  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى



  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ