مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى تۆت ئايدا دۆلىتىمىز سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالدى

2022.05.18 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋۇسۇڭجياڭ دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى (جياڭسۇ بۆلىكى)دا ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇشقا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 15 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن دۆلەت سۇچىلىق تورى تايانچ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا چاڭجياڭ دېلتىسى بىر گەۋدىلەشكەن رايون سۇچىلىق تورى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش تايانچ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. تۈزەش قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى دەريا يوللىرىنى كېڭەيتىش، گۇاجىڭكوۋ تۈگۈنىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، توسما ۋە قىرغاق ئاسراش قۇرۇلۇشى، توسما ئۈستىگە يول ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى 96 ئاي. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تەيخۇ كۆلى رايونىدىكى سۇچىلىق تورى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېتەرسىزلىكلەر تولۇقلىنىپ، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.


  ۋۇسۇڭجياڭ دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى (جياڭسۇ بۆلىكى)دا ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىلدىن بۇيان ئون چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، دۆلىتىمىز سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 1958 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.5 ئاشتى.


  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 800 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. ئومۇمىي سېلىنمىسى 61 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولغان شىمالىي ئايلانما قولتۇقى گۇاڭدۇڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشىدا، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش دوكلاتىنى تەستىقلاش ۋاقتى مۆلچەردىكىدىن بەش ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن؛ ئومۇمىي سېلىنمىسى 59 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولغان جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش بويىچە چاڭجياڭ دەرياسىدىن سۇ باشلاپ، خەنجياڭ دەرياسىغا سۇ تولۇقلاش قۇرۇلۇشىدا يەرنى ئالدىن تەكشۈرۈش (پىلانلاپ ئورۇن تاللاش) قاتارلىق باشقا مۇھىم شەرتلەر بېجىرىلىپ، تۈرنى تەستىقلاشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.


  سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى غەملەش جەھەتتە، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى، پۇل مۇئامىلە مەبلىغى، ئىجتىمائىي كاپىتال قاتارلىق جەھەتلەردىن ئامال قىلىپ سېلىنمىنى كۆپەيتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 830 سۇچىلىق تۈرىدە ئەمەلىيلەشكەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى 72 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 38 مىليارد 600 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %115 ئاشقان.


  سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مەبلەغنى كۆپ جەلپ قىلالايدۇ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتالايدۇ. سۇچىلىق سېلىنمىسىغا سىجىل كۈچ چىقىرىش ئۈنۈملۈك ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش، ماكرو ئىگىلىكنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ