مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇل مۇئامىلە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

2022.05.18 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشتا جەزمەن پۇل مۇئامىلىنى ياخشىلاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
«پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.»

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

  پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ جان تومۇرى. پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۆپ خىللاشقان پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى. ئەمەلىي ئىقتىسادقا «ئېقىن سۇ» يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 1-پەسىلدە يېڭىدىن خەلق پۇلى قەرزى بېرىشتە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى، كارخانىلار قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدە ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيان تۆۋەن نۇقتا يارىتىلدى؛ گۈزەل تۇرمۇش تېخىمۇ پۇختا بولدى، ھازىر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 220 مىليون شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى قاپلىدى، 2021-يىلى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى 180 مىليون ئائىلە قېتىم دېھقان ئائىلىسىنى 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن خەۋپ- خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى؛ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بانكا تور نۇقتىلىرىنىڭ يېزا-بازارلارنى قاپلاش نىسبىتى
%97.13كە يېتىپ، ھەممە يېزىدا ئاپپارات بولۇش، ھەممە كەنتتە مۇلازىمەت بولۇش، ھەممە ئائىلىنىڭ ھېساباتى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ___كاربون ئازايتىلىپ، يېشىللىق كۆپەيتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىلدى.

  بىپايان ئىچكى موڭغۇل يايلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدە قاتار-قاتار ئېگىز شامال كۈچى گېنېراتورلىرى شامالدا ئايلىنىپ تۇراتتى. جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى قۇرغان شىڭئەن ئايمىقىدىكى 3 مىليون كىلوۋاتلىق شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرى يايلاققا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى قالدۇرۇپ، «بايلىق» ئېلىپ كېلەتتى.

  جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى شىڭئەن ئايمىقى يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىيۈ مۇنداق دېدى: يېشىل پۇل مۇئامىلە تۈر قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، قۇرۇلۇش بانكىسى قەرز پۇل تەستىقلاش، تارقىتىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاپلا قالماي، يەنە قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدە ئېتىبار بېرىش، مۇلازىمەت ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بىزنىڭ 70 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخنى تېجىشىمىزگە ياردەم بەردى. پۇل مۇئامىلىنىڭ قوللىشى بىلەن، تۈر يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈپ تورغا چىقىرىلىدۇ، ھەر يىلى پاكىز ئېنېرگىيە تارقىتىش مىقدارى 7 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ.
يېشىل رەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېشىل قەرز پۇلى، يېشىل زايوم، يېشىل سۇغۇرتا، يېشىل فوند، يېشىل ھاۋالە، كاربون پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق يېشىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى شەكىللەندۈردى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى يېشىل قەرز پۇل قالدۇقى 15 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2020– يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشتى، ساقلانما كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. 2021-يىلى چېگرا ئىچىدىكى يېشىل زايومنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 600 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2020–يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %180 ئېشىپ، قالدۇق سوممىسى 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
___ سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

  پىلاستىكلاشتۇرۇش، كەپشەرلەش، كېسىش، قۇراشتۇرۇش، بەلگە چاپلاش... چۇڭچىڭ مىڭكەي پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە، يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ زاپچاسلىرى جىددىي ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى بۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنتىدىن 89ى بار.

  كارخانا مەسئۇلى ياۋ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ كۆلىمى كىچىك، مەبلىغى كەمچىل، قىسمەن پاتېنتلار ئەمەلىيلىشەلمىدى. يېزا ئىگىلىك بانكىسى چۇڭچىڭ جيۇلۇڭپو تارماق بانكىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىپ، شىركەتنى 4 مىليون 900 مىڭ يۈەن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى. قولايلىق، تېز بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتىنىڭ پايدىسى بىلەن، شىركىتىمىز بۇ يىل يېڭىدىن ئۈچ پاتېنتقا ئېرىشىپ، تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە تارىخىي يېڭى رېكورت ياراتتى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە كەسپىدە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى، ئېرىشىشچانلىقى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنىڭ داۋانغا يامىشىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  مىقدار ئاشۇرۇلۇپ، دائىرە كېڭەيتىلىپ، باھا تۆۋەنلىتىلىپ، كىچىك، ئۇششاق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتتى. 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇقى 20 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.6 ئاشتى؛ كىچىك، ئۇششاق ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى 50 مىليون 390 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.9 ئاشتى.

  ___ تەمىنات ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسى تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇپ، ئورتاق بەھرىلەندى.

  جېجياڭ ئۆلكىسى شيەنجۈ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ياڭمېي دەرەخلىرى ئازراق مېۋىلىگەن بولۇپ، ياڭمېي دەرىخى ئۆستۈرگۈچى ۋۇ سەيخۇڭ مېۋىلەرنىڭ ياخشى ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خوشال بولدى. ۋۇ سەيخۇڭ مۇنداق دېدى: مەن «چىننۇڭ تورى» سۇپىسى ئارقىلىق سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ «ياڭمېي قەرزى»نى بېجىردىم، پۇل نەچچە مىنۇتتىلا ھېساباتقا كىردى. شيەنجۈ ناھىيەسىدىكى 12 ئالاقىدار تارماقنىڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقى تۇتاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش «چىننۇڭ تورى» دېھقانلارنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش، قەرز ئېلىش، سۇغۇرتا، سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن زەنجىرلىك رەقەملەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى.

  دەل جايىدا، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچى ئاشۇرۇلدى. ھازىر دۆلىتىمىزدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشتى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل قالدۇقى 43 تىرىليون 210 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى مۇلازىمەت ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئامانەت پۇل قەرزى، چىقىم راسچوتى قاتارلىق ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى نىشان قىلغان خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى.

  پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ھەممە ئىش جانلىنىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا، رىقابەت كۈچىگە ئىگە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغۇسى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ