يېقىندا، سىرتقى ئورالمىسى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا ئوخشايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئىچىگە ئىچىملىك قاچىلانغان، ئىچكىلى بولىدىغان «كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سۈتچېيى» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بىراق، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قۇتىسى شەكلىدىكى بۇنداق سۈتچاي كىشىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى، بەزى تورداشلار بۇ خىل ئورالما بالىلارنى خاتا يېتەكلەپ بالىلارنىڭ ئۆيىدىكى كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىچىۋېلىش خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتەمدۇ-يوق، دەپ گۇمانلاندى.
مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، نەنجىڭدىكى نەنيېلى يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىنىڭ بۇ شەھەردە ئۈچ تارماق دۇكىنى بولۇپ، 17-چېسلا، بۇ ئۈچ تايلاندچە يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى دۇكاندىكى بارلىق «كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سۈتچېيى»نى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھازىرغا قەدەر، ھەر قايسى چوڭ تاماق يەتكۈزۈش سۇپىلىرىدىمۇ بۇ خىل مەھسۇلات كۆرۈلمىگەن. نەنيېلى يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: باش شىركەت بۇ ئورالمىلىق مەھسۇلاتنى سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز ساتمايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ