مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى 44 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى

2022.05.18 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 17-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى 44 مىليون 300 مىڭدىن ئاشقان، ئالىي مائارىپتىكى ئومۇمىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 2012-يىلىدىكى% 30 تىن 2021-يىلىدىكى % 57.8 كە يەتكەن، ئالىي مائارىپ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغان.


  دۆلىتىمىزدە ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان نوپۇس 240 مىليونغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 13.8 يىلغا يېتىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپا قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى. ئالىي مائارىپ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەت مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئورنى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.


  ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگوچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش سىستېمىسى، كەسىپلەر مۇندەرىجە سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 265 خىل يېڭى كەسىپ تولۇق كۇرس كەسىپلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، ھازىر مۇندەرىجىدىكى كەسىپ 771 خىلغا يەتتى؛ يېڭىدىن 17 مىڭ تولۇق كۇرس كەسىپ نۇقتىسى كۆپەيتىلىپ، 10 مىڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى ياكى توختاتتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتكە ماسلىشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز



  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ