مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى بىلەن ياردەم پۇلىنى مۇنداق ئىلتىماس قىلىپ ئالىمىز!

2022.05.18 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماھارەت ئۆستۈرۈش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى.
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى بىلەن ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىپ ئالىمىز؟


  ]گوۋۇيۈەن ئابونتلار تېرمىنالىنىڭ ئۈندىدار ئەپچىسى]گە كىرىپ [ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى] ]ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش]نى تاللايمىز.


  ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنى چېكىپ، ئىلتىماس قىلىپ ئالىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ياكى ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى توردا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان-قويمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىمىز. نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەرنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ۋە ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى بىر تۇتاش ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويدى.


  ئومۇمەن مۇلازىمەتنى يولغا قويغان رايونلاردىكىلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ياكى ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى «ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي، بانكا ھېسابات نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ياكى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلىش تاماملانغان بولىدۇ.


  ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ياكى ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى «تەپسىلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئىلتىماسنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، تىزىملاتقان بانكا ئىسچوتى ئارقىلىق ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئالغىلى بولىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ