مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ياپونىيەنى يادرو بۇلغىمىسىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى

2022.05.18 13:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە توكيو ئېلېكتىر شىركىتى يېقىندا فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىزنىڭ قۇرۇقلۇققا يېقىىن جايىدا دېڭىز ئاستىنى قېزىش مەشغۇلاتىنى باشلاپ، يادرودىن بۇلغانغان سۇنى قويۇپ بېرىدىغان دېڭىز ئاستى تۇرۇبا ئېغىزى ياساشقا تەييارلىق قىلغان. بۇ ھەقتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 17-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ياپونىيەنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياپونىيەدىكى پۇقرالارنىڭ ئورۇنلۇق، مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يادرو بۇلغىمىسىنى دېڭىزغا قۇيۇپ بېرىشتەك خاتا قارارىنى بىكار قىلىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى.


  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: مەن يۇقىرىقى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلغان، مەن بۇ ئىشقا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈمەن. ياپونىيەنىڭ دېڭىز-ئوكيانغا فۇكۇشىما يادروسىنىڭ بۇلغىمىسىنى قويۇپ بېرىپ سۇنى بۇلغاشتەك خاتا قارارىغا، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئوكيان ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈدۇ ھەم قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسى قاتارلىق رايونلىرىدىكى 180 مىڭ ئامما بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن دېڭىزغا قويۇپ بېرىشتىن باشقا بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ياپونىيە توكيو ئېلېكتىر شىركىتى خەلقئارا كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەرگە پەرۋا قىلماي، بۇنىڭدىن بۇرۇن «ئاممىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشمىسەك، يادرو بۇلغىمىسىنى ھەرگىز دېڭىزغا قويۇپ بەرمەيمىز» دېگەن ۋەدىسىدىن يېنىپ، يادرو بۇلغىمىسىنى دېڭىزغا قۇيۇشنى ئىلگىرى سۈردى، بولغۇلۇق بەرىبىر بولدى، دەيدىغان بۇنداق ئۇرۇنۇشلار مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى دەرھال توسۇشى كېرەك.


  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى فۇكۇشىما يادرو بۇلغىمىسىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش لايىھەسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى، يادرو بۇلغىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، تازىلاش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈنۈملۈكلىكى، مۇھىت تەسىرىنىڭ ئېنىقسىزلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزچىل تولۇق، ئىشەنچلىك چۈشەنچە بەردى، بۇ ياپونىيە تەرەپ ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغان ئوبيېكتىپ پاكىت .
ۋاڭ ۋېنبىن يەنە مۇنداق دېدى: بىز ياپونىيەنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ئورۇنلۇق، مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە، يادرو بۇلغىمىسىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشتەك خاتا قارارىنى بىكار قىلىپ، دېڭىزغا قويۇپ بېرىشتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى توختىتىپ، ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمىز.




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز




  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ